بىز ھەققىدە

تەۋسىيە مەزمۇنلار
  پىدائىيلار ئ...
  -2012 يىلدىك...
  پىدائىيلار پ...
  يېزا مەكتەپ ...
  يېزا مەكتەپ ...
 
 
  باش بەت >> بىز ھەققىدە

    بىز

              پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىر قېتىملىق ۋەدىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا تاساددىپى بىر سەرگۈزەشتە سەۋەب بولغان، بۇ مەلۇم بىر خىل مېھرىبانلىقنىڭ تۈركىسى ئىدى.  يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى دەسلەپ تەشكىللەنگەندە نامى، ھېچقانداق خىراجىتى ۋە خىزمەت سورۇنىمۇ يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىدائىيلىق تەجرىبىسىمۇ يوق بىر ئادەمنىڭ دوستىغا قىلغان ۋەدىسى بىلەنلا باشلانغانىدى. كېيىنچە پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلىدىغانلار كۆپەيدى. پىدائىيلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە سۇنماس ئىرادە  ئۇلارنى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگدۈرمىدى، مانا بۈگۈنگىچە ئۇلار مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش قەدىمىنى توختاتقىنى يوق...

  يېزا مەكتەپ   پىدائىيلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى__ مېھرى - شەپقەت يەتكۈزۈشنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ تەشكىلاتتىكى پىدائىيلارنىڭ سانى ئازلىقتىن كۆپەيدى، دائىرىسى كىچىكلىكتىن زورايدى. بۇ تەشكىلات ئاستا-ئاستا ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى.  يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى قوشۇنى 2008 - يىلى 1- ئايدا قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە مەمۇرلار، مۇخبىر، كارخانا باشقۇرغۇچى، كارخانا خادىملىرى، مۇتەخەسىس ئالىملار، دەم ئېلىشقا چىققانلار، ئوقۇتقۇچىلار، سېتۇدېنتلار ۋە دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولدى. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر  بۇ قوشۇنغا كىرىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

   يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ خىزمەت پرىنسىپى __ ئىختىيارىي، باراۋەر، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، ھەق ئالماسلىق، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىش، قابىلىيىتىگە يارىشا تۆھپە قوشۇش ...تىن ئىبارەت.

   مۇلازىمەت مەقسىتى __ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق چەت- ياقا يېزا مەكتەپلىرىنى يۆلەش، يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆزگەرتىپ، شەھەر بىلەن يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش جەھەتتىكى پەرقىنى كىچىكلىتىش، دېھقانلار ۋە يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.

     مۇلازىمەت دائىرىسى __ چەت -ياقا  يېزا  مەكتەپلىرىنىڭ ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش سىنىپى ۋە يېزا مەدەنىيەت ئۆيلىرىگە مۇناسىپ ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ بېرىش، تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش، كىتاب ئىئانە قىلىش، مەكتەپ مۇھىتىنى يېشىللاشتۇرۇش، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا مۇلازىمەت دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش.

     مۇلازىمەت ھالقىسى __ پىدائىيلار  ھەر قېتىملىق ھەدىيە پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ياردەم بېرىلىدىغان مەكتەپ ھەمدە ھەدىيە قىلىنىدىغان بۇيۇم تۈرلىرىنى تاللاشقا مەسئۇل بولىدۇ، ياردەم بەرگۈچى  تەرەپ كونكېرىت ياردەم بېرىدىغان نۇقتا ۋە تۈرنى  بېكىتكەندىن كېيىن بۇيۇمنى ئېلىش ۋە ئەۋەتىش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىككى تەرەپ نەق مەيداندا ھەدىيە قىلىنغان بۇيۇمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا  قاتنىشىدۇ. پىدائىيلار ھەدىيە  قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىش، باشقۇرۇلۇش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. 

   مېھر - شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى__ ئىككى يىلدىن بۇيان، يېزا مەكتەپلىرىدىكى پىدائىيلار ئىلگىرى كېيىن ساخاۋەتچى كارخانىچى ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ بىرمىليۇن 70 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھەدىيە بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋېلىپ،37 يېزا مەكتىپىگە ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش سىنىپى قۇرۇپ، 410 كومپيوتېر، 140 كومپيوتېر ئۈستىلى سەپلەپ بەردى، تۆت كەنت دەرىجىلىك دېھقانلار مەدەنىيەت ئۆيىگە تېلېۋىزۇر، كومپيۇتېر، DVD قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى. بولۇپمۇ كونا كومپيۇتېرلارنى قايتا ئىشلىتىش، مۇلازىمەت يولىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، يەنە ياردەم قىلغۇچى تەرەپ ياردەم قىلىنغۇچى تەرەپ ۋە پىدائىيلاردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئورتاق نەپكە ئېرىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. چىقىرىش ۋە تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يېزا مەكتەپلىرىگە 132 ئادەم قېتىم ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر كەنت دەرىجىلىك مەكتەپنىڭ ئىشخانىلىرى رېونت قىلىنىپ بېرىلدى، بىر كەنتكە  قۇدۇق قېزىپ بېرىلدى، مەكتەپلەرگە يەنە 20مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى2000پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئىئانە قىلىندى.

2008  - يىلى 8- ئايدىن 2009- يىلى 8- ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە، جەمىئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەنىڭ ياردەم بېرىشى، قوللىشى بىلەن يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ،ئىنگىلىزچە تور بېكەتلىرى ئارقا -ئارقىدىن ئېچىلىپ، تور بېكىتى پىدائىيلارنىڭ ئۈچۈر يەتكۈزۈش، بايلىقلارنى رەتلەش، خىزمەتتىن دوكلات بېرىش، ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشتىكى سەھنە ھەمدە بازا بولۇپلا قالماستىن، يەنە سىرتنىڭ يېزا - كەنت پىدائىيلىرىنى چۈشىنشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى.

   2009- يىلى 6- ئايدا، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى شىنجاڭ پىدائىيلىرى جەمىئىيىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق باش ئەترەت بولۇپ ئەنگە ئېلىندى.

        تەسىرلىك ھاسىلاتلار__ ھەر قېتىملىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتە، قەلىبلەر نۇرغۇنلىغان تەشەككۈر، ئارزۇ، مىننەتدارلىقلاردىن ھاياجانغا چۆمىدۇ، ھەر قېتىم پىدائىيلار پائالىيتىگە قاتناشقىنىمىزدا نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز، ھەر قېتىملىق پائالىيەت ئاياغلىشىپ، ئايرىلغىنىمىزدا كېلەر قېتىملىق سەپەرگە تەلمۈرىمىز. نۇرغۇن قېتىملىق مېھر - شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق بىز ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلەندۇق، كەلگۈسىمىز  تېخىمۇ پارلاق...

  كەلگۈسىگە يۈزلىنىش __ مۇساپىمىزنىڭ قانچىلىق يىراقلىقىنى، مېھر – شەپقەتنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ماڭغانسېرى ھېس قىلىۋاتىمىز، مۇساپە قانچە ئۇزاق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىز توختاپ قالمايمىز، مۇساپىدە ئىللىقلىق يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ توختىماي قوشۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. مەيلى ئازغنىە پۇل، بىر كىشىلىك ھەسسە، بىر ئېغىز سۆز ياكى تەبەسسۈم... بولسۇن بۇلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يېزا بالىلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ دۇنيا سىزدىن تەسىرلىنىدۇ، تارىخ سىزگە بارىكاللا ئېيتىدۇ.

  شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى ،جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تۇپرىقىدا بىز يەتكۈزگەن مېھر - شەپقەت بار ، دېگەن ناخشا ياڭرىغاندا، بۇ، ھەر بىر مېھر - شەپقەت يەتكۈزگۈچىگە نىسبەتەن چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان ئەڭ گۈزەل مەدھىيە بولۇپ قالغۇسى...!


 

 

جۇڭگو تېلېگرافى تېخنىكىلىق ياردەم قىلغان
Copyright(c) (2006-2007)xczyz All rights reserved.
بەت ھوقوقى بار :乡村校园志愿者 فاكىس:*******
ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى :1035485862@qq.com 
ICP باشقۇرۇش ئىجازەتنامە نومۇرى :新ICP备09005170